• ئاجايىپ كاللىسى ئىشلەيدىغان بالا - [تاغدىن - باغدىن]

    2009-04-14 | خەتكۈچ:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://tarmila.blogbus.com/logs/37876439.html

    بىر كۈنى ئوقۇتقۇچى بىر ئوقۇغۇچىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ سورىدى :
    - دەرەختە ئون قۇش بولسا ، تاپانچا بىلەن بىرنى ئېتىۋەتسە قانچىسى قالىدۇ ؟
    ئوقۇغۇچى ياندۇرۇپ سورىدى :
    - ئاۋازسىز تاپانچا بىلەنمۇ ؟
    - ياق .
    - ئوق ئاۋازى قانچىلىك ؟
    - 80 - 100 دېتسىبىل ئەتراپىدا .
    - دېمەك ئوق ئاۋازى خېلى كۈچلۈك ئىكەن .
    - بۇ شەھەردە قۇشلارنى ئېتىش قانۇنغا خىلاپمۇ ؟
    - خىلاپ ئەمەس .
    - ئۇ قۇش ئوق ئۆتمەس كىيىم كېيىۋالغانمىكەن ؟
    - ياق .
    - ئۇ قۇشنىڭ راستىنلا ئۆلگەنلىكىگە قەسەم قىلالامسىز ؟
    - ھەئە . قانچە قۇش قالغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن بولامدۇ ؟
    - بولىدۇ ، دەرەختە گاس قۇشلاردىن بارمىكەن ؟
    - يوق.
    - قەپەسكە سولانغانلىرىدىن چۇ ؟
    - يوق .
    - مېيىپ ياكى ئاچلىقتىن ئۇچالمايدىغان قۇش بارمۇ ؟
    - يوق .
    - تۇخۇم ئىچىدىكىسى ھېسابمۇ ؟
    - ھېساب ئەمەس .

    ئوقۇتقۇچى تەرگە چۈمۈلدى ، قوڭغۇراق چېلىندى ، ئەمما ئوقۇغۇچى سۆزىنى داۋام قىلدى :
    - قۇشلارنىڭ ئىچىدە ئۆلۈمدىن قورقمايدىغانلىرى بارمىكەن ؟
    - ھەممىسى ئۆلۈمدىن قورقىدىكەن .
    - بىر تال ئوق بىلەن ئىككى قۇشنى ئۆلتۈرگىلى بولامدۇ ؟
    - بولمايدۇ ، بولمايدۇ !!!!!!!!
    - ئەگەر سىزنىڭ سۇئالىڭىز ئادەمنى ئالدىمىسىلا ، - دېدى ئوقۇغۇچى چوڭقۇر ئىشەنچ بىلەن ، - ئۆلگەن قۇش دەرەخكە ئېسىلىپ قېلىپ پەسكە چۈشمىسە بىرسىلا قالىدۇ ، پەسكە چۈشۈپ كەتسە بىرسىمۇ قالمايدۇ .
    ئوقۇتقۇچى يىقىلىپ چۈشتى .

    مەنبە : دىيارىم مۇنبىرى


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مەن كەلدىم ، بىزنىڭ تەرەپلەرگىمۇ ئۆتۇپ قويۇڭ !!
  • ھا ھا ھا راستىنلا ئەقىللىق بالا ئىكەن.